رومان بىلەن ئۆتكەن گۆدەكلىك
يالتايمىغىن «ئىز»قالدۇرۇشتىن، ئۆچۈرسىمۇ « قۇم باسقان شەھەر ».

رومان بىلەن ئۆتكەن گۆدەكلىك
-تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ
يالتايمىغىن «ئىز» قالدۇرۇشتىن،
ئۆچۈرسىمۇ «قۇم باسقان شەھەر».
لەنەت ئوقار «ئويغانغان زېمىن»،
«داغ» چاقنىسا قەبرەڭدە ئەگەر.
«سەرسان روھلار» ۋەتەن دەپ يىغلار،
زەھەر ئەمما «لېيىغان بۇلاق»،
«گۆر ئاغزىدىن يانغانلار» ئۆتكەن،
«تەقدىر» دەيدۇ بۇ «ھايات شۇنداق».
«قانلىق يەر»دە بار «ئاي يامغۇرى»،
يېنىپ ئۆچەر «تۈندىكى چاقماق»،
«تۈشۈك مۇنچاق» قالمايدۇ يەردە،
«چالا تەگكەن ئوق» بېرەر ساۋاق.
كۆزى ئۇچۇق «جاللات خېنىم»نىڭ،
«قىساس» مەڭگۈ «قۇرۇماس دەرەخ».
«ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر» دەيدۇ،
« ئانا يۇرت» نى ساتقانلار بەدبەخ.
ئەسەر يېزىپ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»
«ئۆچمەس ئىزلار» قالدۇرۇپ كەتتى.
كېزىپ ھەر يەر «مەھمۇت كاشغەرى»
«ئىزدىنىش» تە ۋايىغا يەتتى.
«ئالتۇن كەش» نى كىيسەم بولىمەن،
«سادىر پالۋان» كەبى يۈرەكلىك.
ئاددى ئەمما مەنەگە تولغان،
رومان بىلەن ئۆتكەن گۆدەكلىك.











ئىنكاسلار
0 ئىنكاس
ئىنكاس قالدۇرۇڭ
ئېلخەت ئادرېسىڭىز ھەرگىز ئاشكارىلانمايدۇ.Yorumlar yükleniyor...