Dr. Turdimuhammad Abdullahدوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ
←بارلىق يازمىلارغا قايتىش

ھۆددەس

گۆدەكلىك ئىچرە قەدرىڭنى بىلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس ئەجرىڭگە زەررىچە جاۋاب بېرەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.

Dr. Turdimuhammad Abdullah
Dr. Turdimuhammad Abdullah
•
ھۆددەس

ھۆددەس

تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ

گۆدەكلىك ئىچرە قەدرىڭنى بىلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس
ئەجرىڭگە زەررىچە جاۋاب بېرەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
بىز ئۈچۈن ئىشلىسەڭ تىنماي ئەتىدىن –كەچكىچە ئەينا،
قولغا قول بولغىلى بىر رەت كېلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
مۇشتۇمدەك تۇغۇلغان باشتا، كىم ئۈچۈن ئاقاردى چاچلار؟!
چوڭ بولۇپ گېپىڭگە ئەمدى كىرەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
.
مېھىرلىك قوللىرىڭ بىلەن بېشىمنى سىلىساڭ ئاستا،
بىزار بوپ سېنىڭدىن ھەتتا ،ئۆلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
ئىزدەندىم ئۆزۈمچە:«كىمدۇ_جاھاندا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان؟»
سەنكەنسەن ئەسلىدە،كۆزگە ئىلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
لاتاپەت سەندىلا ئارتۇق،ساخاۋەت سەندىلا ئارتۇق،
مۇھەببەت سەندىلا ئارتۇق،بىلەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
« مېنىڭدىن ئالسىڭىز رەھمەت، يولىڭىز ئاق بولار ئوغلۇم، »
مەن ساڭا بىر قېتىم رەھمەت دېيەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس
.
« خۇشپۇراق گۈل ئۈنەر ئوغلۇم خالىسا مەن سۆيگەن جايدىن،»
كۆكەرگەن قولۇڭغا بىر رەت سۆيەلمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
«ئانا ئايىغى ئاستىدا جەننەتنىڭ ئىشىكى» دېسە،
قالاقلىق دەپ قويۇپ باشتا ئىشەنمەي قاپتىمەن ھۆددەس
.
نادامەت ئىچىدە ئويلاپ،چىشلىدىم قولۇمنى قاتتىق،
نى سەۋەب بار شۇنچە بەستىم،چۈشەنمەي قاپتىمەن ھۆددەس.
بەندە بىز خام سۈتنى ئەمگەن(دېمەيسەن نېمىشقا تۆھمەت؟)
كەچۈرگىن گۆدەك ئوغلۇڭنى،خاتا قىپ ساپتىمەن ھۆددەس.
.
ئۈمىدىن ئاقلىسام دەيمەن، دەرد -ئازاپ سالمىسام دەيمەن،
بىر كۈن دەپ قالمىسام دەيمەن«مەن قارغىش ئاپتىمەن» ھۆددەس

ئىنكاسلار

0 ئىنكاس

ئىنكاس قالدۇرۇڭ

Gizli

قىممەتلىك پىكىرىڭىزگە رەھمەت! ئىنكاسىڭىز تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن تور بەتتە كۆر...

Yorumlar yükleniyor...

باشقا ماقالىلەرگە نەزەر سېلىڭ

بارلىق ماقالىلەر